15.09.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1490809
15.09.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  «ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، «شەرقىي ئاقدېڭىزدا مەسىلىلەرنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش مۇمكىن. ھەقىقەتكە تايانغان، كەڭ دائىرىلىك ۋە مۇۋاپىق قاراشلار مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئىجابىي ھەسسە قوشىدۇ. تۈركىيەنىڭ باشقىلارنىڭ زېمىنىدا كۆزى يوق. ئەمما، ھەق-ھوقۇقىنى ھېچكىمنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە گىرېتسىيە ئۈستىدە توختىلىپ، «گىرېتسىيە شەرت قويۇشتا چىڭ تۇرسا، بىزمۇ شەرت قويىمىز. شەرتلەرنى ئورۇنلانماي تۇرۇپمۇ، كۆرۈشكەندىن كېيىنمۇ ئورۇنلىغىلى بولۇشى مۇمكىن. گىرېتسىيە سېۋىللا خەرىتىسىدىن ۋاز كەچمىگەن ۋە تۈركىيەنىڭ قىتئە ساھەسىگە ھۆرمەت قىلمىغان ئەھۋالدا بۇ ئىختىلاپ تۈگىمەيدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، گېرمانىيەدە چىقىدىغان «داي ۋېلت گېزىتى» (Die Welt) دە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «چاقماق شەكىللىك چاپانلىرى» ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ماقالىدە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سىياسەتتە كىيىم-كېچەك جەھەتتە بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى نامايان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانكنىڭ 2020-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئايلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %8.4 ۋە يىللىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %4.4 ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئايلىق نىسبەتتە بارلىق تارماق ساھەلەر ئاكتىپ ئەمەلگە ئاشتى. بىز دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىجابىي پەرقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردۇق.  بىز ئۈچىنچى پەسىلدە يۇقىرى ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، نەۋشەھىرنىڭ گۈلشەھىر ناھىيەسىدىكى 800 يىللىق تۇز كانىدىن چىقىرىلغان 150 مىڭ توننا تاش تۇزىغا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن تەلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تۇز كانىنىڭ خوجايىنى سۇئات بىلگىن: «گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە گوللاندىيەدىن تەلەپلەر كېلىۋاتىدۇ. بىراق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمىز يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن تەلەپنى قامدىيالمايۋاتىمىز. سەھىيە ساياھەتچىلىك تۈرىنى ئېچىشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېگەن.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر