23.06.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1441346
23.06.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  «ستار گېزىتى»، تۈركىيە، قاتار، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىيوردانىيە، كۈۋەيت، ماراكەش ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۇنغان «سۈرىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك لايىھە» نىڭ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، لايىھەنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە، 2 گە قارشى 27 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراكنىڭ ئىستېمالچىلار ئىشەنچ ئىندېكسىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا %5.2 ئاشقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئىقتىسادىمىز نورماللىشىش مۇىساپىسىدە، دۇنيا ئىقتىسادىغا سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ تېز ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. ئىيۇن ئېيىدا ئىستېمالچىلار ئىشەنچ ئىندېكسىدە كۆرۈلگەن ئېشىش، ئەسلىگە كېلىشنىڭ ئىجابىي يۈزلىنىشتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مۇداپىئە ئېكسپورتى ھېسابلىنىدىغان «پاكىستان مىللىي پاراخوت لايىھەسى» (MİLGEM) گە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كېلىشىمگە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن ياسىلىدىغان پاراخوتنىڭ، تۈركىيەنىڭ سانائەت ۋە ئىنژېنېرلىق قابىلىيىتى يېتىپ كەلگەن نۇقتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى جەھەتتىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، مۇداپىئە سانائىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلەر بىلەن، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەردە بولسۇن، ياكى لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە بولسۇن، يۇقىرى تېخنىكىلىق قابىليىتىنى نامايان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا بولغان تەلەپلەرنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيەدىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈرك پۇتبولچى مەرىھ دەمىرالنىڭ يۇقىرى ماھارىتىدىن مەمنۇن بولغان ئىتالىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق پۇتبول كۇلۇبى «جۇۋېنتۇس» (Juventus) نىڭ، يەنە گېرمانىيەنىڭ «ۋېردېر برېمەن پۇتبول كۇلۇبى» (Werder Bremen) دا توپ ئويناۋاتقان تۈرك پۇتبولچى ئەرەن دىنكچىنىڭ پىيىگە چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، جۇۋېنتۇس كۇلۇبىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى بۇ 18 ياشلىق پۇتبولچىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا قايىل بولغانلىقتىن ئىجارىگە ئېلىش تەكلىپى سۇنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر