04.05.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1410389
04.05.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ھۆررىيەت» گېزىتى، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۆرۈنۈشلەرنى ئورتاقلاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا، ئىستانبۇل يېشىلكۆي ۋە سانجاقتەپەدىكى قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئورتاقلاشقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەردوغان، يېشىلكۆي ۋە سانجاقتەپەدە جەمئىي 2 مىڭ كارىۋاتلىق ئىككى دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، تۈرلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈزۈپ، ئىستانبۇلنى ھەقىقىي مەنىدە ئىككى مۇھىم دوختۇرخانىغا ئىگە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

«ساباھ» گېزىتى، «فاھرەتتىن ئالتۇن ياردەملەر توغرىسىدا بايانات (بەردى) سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، دوستلىرى ۋە دۇنيادىكى موھتاج دۆلەتلەرگە ياردەمچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، فاھرەتتىن ئالتۇن تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقودىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، مەزكۇر ياردەملەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەر مەيدانىنىڭ ناماياندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، كوۋىد – 19 غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە سومالىغا تېببىي ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يوللانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە چەت ئەلگە تۇنجى قېتىم ئەۋەتىلگەن تۈركىيەدە ئىشلەنگەن سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى قەيت قىلغان.

«ستار» گېزىتى، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىنچلىق بۇلىقى رايونىدىكى بالىلارغا ياردەم قولىنى سۇندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى كەفر ناسىھ باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقوغۇچىلىرىغا سومكا، ئوقۇش بۇيۇملىرى ۋە كىيىم – كېچەك ياردەم قىلغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقودىكى ئادرېسىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا، ئېزىلگۈچىلەرگە قىلغان ئىنسانپەۋەر ياردەملىرى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا ئۈلگەن بولۇۋاتقان قەھرىمان تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى بالىلارنىڭ چېگرىگە تەبەسسۇم بېغىشلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى، «ئامېرىكا تۈركىيەگە تېببىي ياردەم ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ، تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى يوللىغان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر پومپېيو تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ناتو ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەدىن مىننەتدارمىز. تۈركىيەنىڭ ياردەملىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كوۋىد – 19 غا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئۈنۈملۈك ئىشلارنى قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ياردەمچى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالنى بىرلىكتە يېڭىپ، ھازىرغىچە كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچلىنىمىز» دېگەن.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «تۈركىش كارگو ئالاھىدە ئېشىشنى قولغا كەلتۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىش كارگو (تۈرك ئاۋىياتسىيە توشۇمىچىلىق شىركىتى)نىڭ، خەلقئارا ھاۋا ترانسپورتى بىرلەشمىسىنىڭ 2020 – يىللىق فېۋرال ئېيى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، %16.6 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈرك ئاۋىياتسىيە توشۇمىچىلىق شىركىتى، ئاۋىياتسىيە توشۇمىچىلىقى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئەڭ ياخشى 25 شىركەت ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر