23.01.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1345838
23.01.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراكنىڭ، تۈركىيەگە ۋە ئىستانبۇل پۇل-مۇئامىلە مەركىزىگە زور قىزىقىشنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بەرات ئالبايراكنىڭ داۋوستا نۇرغۇن چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئىستانبۇلنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولۇشتەك ھېكايىسى ئۆزلىكىدىن پارلاۋاتىدۇ. پارس قولتۇقى ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرى پۇل-مۇئامىلە مەركىزى ئۈچۈن زور قىزىقىش بار، ئۇچرىشىشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجاننىڭ تۈركىيەنىڭ تولۇق مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، پۇرسەتلەر دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيا مىقياسىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رۇھسار پەكجاننىڭ تۈركىيەدىكى مەۋجۇت خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ، يوشۇرۇن كۈچنى ناھايىتى ياخشى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، يېڭى مەبلەغلەرنى سېلىپ، تېخىمۇ زورىيىش يولىنى تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ توگ  (TOGG) ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى 2022-يىلى بازارغا سالىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ، قىرغىزىستان سودا-سانائەتچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، قىرغىزىستانلىق سودا-سانائەتچىلەردىن مەدەربەك ئائىتبايېۋنىڭ: «بۇ ئاپتوموبىلدىن مىليونلارچىسى زاكاس قىلىنىپتۇ. بۇ، بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك لايىھە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك لايىھەنىڭ بىر قىسمىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا، قىرغىزىستانغا ئاپىرىشنى خالايمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقى مۇرات ئۇيسالنىڭ، پۇل پاخاللىقى ۋە پۇل سىياسىتىدە ئىنچىكە سىياسەت ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولغان مەزگىلگە كىرگەنلىكلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يانۋار ئېيىدا ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن مۇرات ئۇيسالنىڭ: «پۇل پاخاللىقىدا كۈتكەن ياخشىلىنىش، بىزنى بۇ قەدەملەرنى مۇۋاپىق شەكىلدە تاشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مۇشۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا، پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ بىر خانىلىق سانغا تۆۋەنلىشىنى كۈتىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر