19.11.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1308746
19.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەردوغان نىشانلىرىنىڭ نېفىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەسلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپلا قالماستىن، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا ۋىجدان بۇرچىنىمۇ ئادا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەدە بەزى كۈچلەرنىڭ نىشانىنىڭ نېفىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەمما بىزنىڭ نىشانىمىز نېفىتنى قولغا كەلتۈرۈش بولماستىن، ئەكسىچە ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «چەت ئەللىكلەرگە 4 مىڭ 272 ئۆي - مۈلۈك سېتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئۆكتەبىر ئېيدا چەت ئەللىكلەرگە سېتىلغان ئۆي – مۈلۈكلەرنىڭ سانى 4 مىڭ 272 گە يەتتى. بۇ ساھەدە سېتىلغان ئۆي - مۈلۈك سانى جەھەتتىن 2 مىڭ 43 ئۆي - مۈلۈك بىلەن ئىستانبۇل بىرىنچى، 912 ئۆي - مۈلۈك بىلەن ئانتاليا ئىككىنچى، 215 ئۆي - مۈلۈك بىلەن بۇرسا ئۈچىنچى، 192 ئۆي - مۈلۈك بىلەن ئەنقەرە تۆتىنچى، 134 ئۆي - مۈلۈك بىلەن يالوۋا بەشىنچى رەتكە تىزىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تراكيادا ئۈمىد چىرىغى ياندۇرغان بايقاش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان تراكيادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا گىدروكاربون مەنبەلىرى تېپىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، تراكيا ئويمانلىقىدا تېپىلغان تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى 286 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، سىناق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

«‹ستار› گېزىتى»، «بورسا ئىستانبۇل رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ھەپتىنى يېقىنقى 18 ئاينىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدىكى مىقدارى بولغان 105 مىڭ 380 نومۇر بىلەن تاماملىغان بورسا ئىستانبۇلدا ئېلىپ سېتىلىۋاتقان پاي چەكلىرى ئۆتكەن ھەپتىنى ئوتتۇرىچە % 2.16 لىك پايدا بىلەن تاماملىغانىدى. تۈنۈگۈنمۇ ھەپتىنى % 0.50 لىك يۇقىرى ئۆرلەش بىلەن كۈتۈۋالغان بورسا ئىستانبۇل ئېندېكسى (BİST) نومۇرىنى 106 مىڭغا يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، بورسا ئىستانبۇل بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك نومۇرغا ئېرىشكەن بولدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئاپتوموبىل ساھەسىدە 7 دۆلەتكە ئېكىسپورت ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ يانۋاردىن ئۆكتەبىرىچە بولغان ئارىلىقتا ئاپتوموبىل ساھەسىدە سېتىش مىقدارى 100 مىليون دوللاردىن ئاشقان دۆلەتلەردىن يەتتىسىدە بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى. % 86 كە يەتكەن ئەزەربەيجاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراق، ئىسرائىلىيە، سېربىيە، گوللاندىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىرغا قىلىنغان ئېكىسپورت مىقدارىدىكى يۇقىرى ئۆرلەش دىققەت قوزغىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر