01.11.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1298235
01.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ۋەتەن گېزىتى، «ئەردوغان: <مىنىستىرلارغا يوليۇرۇق بەردۇق> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن گىروزىيە باش مىنىستىرى گىئورگى گاخارىئا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىلىرىغا بېرىلگەن يوليورۇق سايىسىدا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەردوغان ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىكنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رايونغا نىسبەتەنمۇ ئىجابىي نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىرانسىيە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: 

تۈركىيە تىنچلىق بۇلۇقى ھەرىكىتىگە دائىر فىرانسىيەنىڭ ماقۇللىغان قارارىنى ئەيىبلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «سۈرىيەدە بىر تېررورلۇق دۆلىتى قۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان فىرانسىيەنىڭ ئۈمىتلىرى سۇغا چېلىشقانلىقى تۈپەيلى بۇ قارارنى ماقۇللىغانلىقى ئىنتايىن ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى» دېيىلدى

ساباھ گېزىتى، «مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار بايانات بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ تۈنۈگۈن سۈرىيە چېگراسىنىڭ نول نۇقتىسىدا قىسىملارنى كۆزدىن كەچەرگەنلىكىنى شۇنداقلا تېلئابيادتىكى ئەسكەرلەرگە سىمسىز تېلېفون ئارقىلىق خىتاب قىلىپ، «تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشلىرىنى كۆرمەسكە سېلىش تولۇق مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا بىر قارىغۇلۇق، ئاڭسىزلىق ۋە تەرسالىقتۇر. بۇ يەردە بىر ئىش تۇگىگىنى يوق، ھەر قانداق چاغدا ھەر قانداق ئىش بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭغا كۆرە ھەممەيلەن تەييار تۇرىشى لازىم» دېگەنلىكىنى يازدى.

سىتار گېزىتى، مىنىستىر ئالبايراق <پۇل پاقاللىقىنى تۈنجى قېتىم %5 دىن تۆۋەن ھالدا كۆرىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق تۈنۈگۈن مالاتيا سودا - سانائەت دۇنياسى بىلەن ئۇچۇرىشىش پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، «يېڭى ئىقتىسادىي پىروگراممىز ئارقىلىق تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم پۇل پاخاللىق نىسبىتىنى %5 تىن تۆۋەن ھالدا كۆرىمىز» دېدى ۋە 2019يىلىنىڭ ئىجابىي تەرەققىيات بىلەن تاماملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەبەر تۈرك گېزىتى «سەبىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى 10 يىلدا 240 مىليون يولۇچىنى كۈتۈۋالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سەبىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىنىڭ 2009يىلى 31ئۆكتەبىردە خىزمەتكە كىىشتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە 8 بال يەر تەۋرەشكە چېداملىق ياسالغان بۇ خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدا 240 مىليون يولۇچىغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقنى يازدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر