30.10.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1296978
30.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلرىىدا يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە كىشىنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىلىگەنلىكى؛ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكى دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ بىرلىكتە جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خاتىرە سارىيىدىكى ئاتاتۈرك مەخسۇس دەپتىرىگە «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى بىلەن، سۈرىيە چېگرامىز بويىچە قۇرۇلۇشى پىلان قىلىنغان تېررورلۇق كارىدورىنى بىتچىت قىلىپ، قەتئىي ئىرادىمىزنى يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل دۇنياغا كۆرسەتتۇق» دەپ بېغىشلىما يازغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈنۈگۈن (2019-يىلى 29-ئۆكتەبىر) كىشىلەرنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ 96-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى دائىرىسىدە، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي مۇراسىمدىن كېيىن، زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە، قوللىرىدا تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا توپلانغان يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان مىڭلارچە كىشىنىڭ خاتىرە سارىيىغا سەلدەك ئاققانلىقى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى باھانە قىلىنىپ، تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈنۈگۈن (29-ئۆكتەبىر) تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىمىزنى سەۋەب كۆرسىتىپ، دۆلىتىمىزگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قوبۇل قىلغان ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرىغا مۇناسىۋەتلىك قارارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا: «ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تۈنۈگۈن (29-ئۆكتەىر) قوبۇل قىلغان ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنى قەتئىي رەت قىلىمىز. قارارنىڭ قانۇنى ئاساسى يوق» دېگەن.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ساياھەت جەننىتى ئانتاليادا ئۆي-زېمىن سودىسىدىمۇ ئېشىش كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى توققۇز ئېيىدا چەت ئەللىكلەرگە سېتىلغان ئۆي سانىنىڭ 6 مىڭ 257 غا يەتكەنلىكى ۋە 2018-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە چەت ئەللىكلەرگە سېتىلغان ئۆي سانىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %19 ئاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، يىل ئاخىرىغىچە بۇ رەقەمنىڭ 10 مىڭغا يېتىپ رېكورت يارىتىلىشنىڭ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر