11.04.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1181345
11.04.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق سىگنال بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جامائەت خەۋپسىزلىكى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 174 – يىللىقى ۋە ئەنقەرە گۆلباشىدىكى ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىنىڭ يېڭى بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «چېگرا رايونلىرىمىزنى بويلاپ <تېررورلۇق كارىدورى> شەكىللەندۈۈش ئارقىلىق بىزنى تىز پۈكتۈرۈش نىشانىغا يېتىشنى گۇمان قىلىۋاتقانلارغا بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدۇق، شۇنداقتىمۇ يەنىلا بۇ سېنارىيەدە چىڭ تۇرۇۋاتقانلارغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلار  چۈشىنىدىغان تىل ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىمىز.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى پاي شىركىتى تۈركىيەدە ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مۇئەسسەسە بەرپا قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى پاي شىركىتى تۈركىيە بويىچە ئەڭ چوڭ، دۇنيا بويىچە 4 – چوڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى پاي شىركىتى تەرىپىدىن پايتەخت ئەنقەرەنىڭ قاھرامانقازان ناھىيەسىدىكى مەركىزىدە 181 مىليون دوللارلىق مەبلەغ ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مۇئەسسەسە، دۇنيادىكى ئاۋىياتسىيە قۇرۇلمىلىرى ئېھتىياجىنى قاداش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، قۇرۇلۇشى تاماملانغاندا تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئورتاق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش توغرۇلۇق سىگنال بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

رۇسىيە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىشلىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئاندرېي بوگىنسكى تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىگە پۇقراۋى ساھىدىكى ئۆزگىچىلىكىنىمۇ ئىلاۋە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بىزنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانلىرىمىزنىڭ  ئاىرىسىدا، ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىمۇ بار بولۇپ، بىز ھەر تۈرلۈك تەكلىپنى ئويلىشىپ كۆرىمىز، رۇسىيە تۈركىيە بىلەن ئورتاق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىگە ئىجابىي قارايدۇ.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، « CNN International ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا يۇقىرى باھا بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىستانبۇلدا كونا ئايرودۇرۇمدىن يېڭى ئايرودۇرۇمغا يۆتكىلىش خىزمىتى تاماملاندى. 5 – 6 – ئاپرېل پىلاندىن بۇرۇن تاماملانغان يۆتكىلىش خىزمىتىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ CNN International تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيەنىڭ ئالەمشۇمۇل ئاۋىياتسىيە پىلان – لايىھەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاندى.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەنگلىيە ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى ساھىللارنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «‹ The Guardian› گېزىتى»، ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى ساھىللارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تۈركىيەدىكى ئانتاليادىن چىرالى، كەمەر؛ مۇغلادىن قاباق، ئۇزۇنيۇرت يېزىسى؛ ئانتاليادىن پاتارا، قالقان؛ چاناققەلئەدىن ئاقۋاريۇم، بوزجائادا؛ مۇغلادىن ئىزتۇزۇ، داليان قاتارلىق  بەش ساھىل بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر