31.01.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1136234
31.01.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ 156 دۆلەتگە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە 500 مىليون كۆرۈرمەن تەرىپىدىن كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ناھىيە ھاكىملىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدە، 2004-يىلى چىقىرىلغان قانۇن بىلەن تۈركىيە كىنو-فىلىم ۋە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ساھەسىدە دەۋر ئاتلىغانلىقىنى، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە سەنئەتچىلەرنى قوللاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 2018-يىلى يولۇچىلار سانىدا %9.5 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يولۇچىلار نىسبىتىنى %82 گە يەتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان ۋىدېئودا 12 دانە يېڭى ئايروپىلاننىڭ سەپلەنگەنلىكى ۋە ئۇچۇش سانىنىڭ 332 گە چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، 2018-يىلى تۈركىيەدىن قاتارغا قىلىنغان ئېكسپورتنىڭ 2017-يىلغا سېلىشتۇرۇلغاندا %62 ئېشىپ، 630 مىليون دوللاردىن 1 مىليارد 18 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، قاتارنىڭ تۈركىيە ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلىغان 37-دۆلەت بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە ئىستاتىستكا ئىدارىسى 2014- ۋە 2016-يىلدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئېلان قىلغان تۈركىيەدىكى ئەڭ خۇشال ۋە تۇرمۇشتىكى مەمنۇنلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سىنوپ ۋىلايىتىنىڭ، 2018-يىلى 1 مىليوندىن ئارتۇق زىيارەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر