07.08.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1027053
07.08.2018

ھابەرتۈرك گېزىتى «سودا-سېتىق مەركەزلىرى بازىرىدا ياۋروپا بويىچە ئەڭ تېز سۈرئەتتە زورايغان دۆلەت تۈركىيە بولدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: « خەلقئارا ئۆي-مۈلۈك مەسلىھەتچىلىك ساھەسىنىڭ كۈچلۈك شىركەتلىرىدىن بولغان <چۇسمەن ۋە ۋاكفىلد>گۇرۇھى،  ياۋروپا سودا-سېتىق مەركەزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ناملىق دوكلاتىنىڭ 2018-يىللىق نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ياۋروپادا بارلىق سودا-سېتىق مەركىزىنىڭ يەر مەيدانى 2 مىليون 400 مىڭ كۋادرات مېتىر چوڭايغان. سودا-سېتىق مەركەزلىرىنىڭ يەر مەيدانىنىڭ ئىزچىل كېڭىيىپ بېرىشى جەھەتتىن تۈركىيە ياۋروپا بويىچە بىرىچنى ئورۇندا تۇرىدىكەن. 2017-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا تۈركىيە سودا-سېتىق مەركەزلىرىنىڭ يەر مەيدانى 500 مېتىر كۋادرات مېتىر چوڭايغان.»

ۋاتان گېزىتى «دۇنيا  بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېلېكتىر ئىستانسىسى كونيادا قۇرۇلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېلېكتىر ئىستانسىسى كونيانىڭ كاراپىنار ناھىيەسىدە قۇرۇلىدۇ، غايەت زور چوڭلىقتىكى بۇ ئېلېكتىر ئىستانىسىسى يىلدا 1 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرىپ 600 مىڭ ئۆينى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ لايىھەگە 1 مىليارد 300 مىليون دوللار سەرپ قىلىنىدىكەن.»

سىتار گېزىتى «چاغداش يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى خىتاي بىلەن تۈركىيە قۇدرەت تاپقۇزىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيەنىڭ 100 كۈنلۈك پىروگراممىسىغا خىتايمۇ قېتىلدى، بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇلى سېلىنىشقا باشلىغان <چاغداش يىپەك يولى>قۇرۇلۇشى تاشيوللار، تۆمۈر يوللار، پورتلار ۋە ئېنېرگىيە لىنيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرتكىسىدە تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى كۈچىيىدۇ. تۈركىيە سېلىنما ئېھتىياجىنىڭ بىر قىسمىنى خىتاي ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ. تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىشى تۈرتكىسىدە ساياھەت ۋە سودا ساھەلىرىمۇ جانلىنىدۇ. تاشقى پىرۇۋۇتلار ۋە ئاتالمىش كىرىدېت دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرى بىلەن تۈركىيە ۋە تۈرك لىراسىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا قارشى، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ مىللىي پۇللىرى بولغان تۈرك لىراسى بىلەن خەلق پۇلى ئىشلىتىلىدۇ.»

يېڭى شەپەق گېزىتى «مىللىي كۈرەشچى ئايروپىلان »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىدىن قېلىشمايدىغان مىللىي كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى مەقسەت قىلىدىغان مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلان لايىھەسىنىڭ <لايىھەلەش باسقۇچى> ۋە <ئىشلەپچىقىرىش بازىسى>قىسمىغا <تۇساش> شىركىتى زور دەرىجىدە مەبلەغ سالىدۇ. دۆلەت بۇ لايىھەنى <كۈچلۈك رىغبەتلەندۈرۈش>سىياسىتى بىلەنمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  <100 كۈنلۈك ئىجرائات پىروگراممىسى>دائىرىسىدە بۇ لايىھەنىڭ <لايىھەلەش باسقۇچى>پات يېقىندا باشلىنىدۇ.»

ساباھ گېزىتى «پارىس ھىلتون تۈرك ناشتىسىغا ھەيران قالدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: « بىر پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن شىمالىي قىبىرس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە كەلگەن دۇنياغا مەشھۇر ئامېرىكىلىق ناخشىچى، ئارتىس ۋە يازغۇچى پارىس ھىلتون، چۈشكەن مېھمانخاندا تۇرۇۋاتقان ياتاققا مۇلازىمەت قىلىنغان تۈرك ناشتىسىنى ۋېدىئوغا ئېلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلدى. بۈگۈن ئەتىگەن مېھمانخانىدىن يانغان پارىس ھىلتون، ئىنستاگرام ئادرېسىدا ۋىدېئونى <تۈرك ناشتىسى ۋاقتى>دېگەن نام بىلەن تارقاتتى. مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ھىلتون، ساياھەتنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە شىمالىي قىبىرس تۈرك جۇمھۇرىيىتىغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. پۇرسەت بولسا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يەنە كەلگۈسى بارلىقىنى ئېيتقان ھىلتون، بىر مۇخبىرنىڭ <شىرىن ئايدىمۇ بۇ يەرگە كېلەمسىز؟>دېگەن سوئالىغا <نېمىشقا بولمىغۇدەك>دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر