13.06.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

991586
13.06.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: "ھۆررىيەت گېزىتى"، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان تەرىپىدىن قۇرۇلۇشى ئۈچ يىل داۋام قىلغان ۋە ئەزەربەيجان تەبىئىي گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تاناپ (TANAP) نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تاناپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكولارنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ئېچىلىش مۇراسىمدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: "بۈگۈن رايونىمىز ۋە دۆلەتلىرىمىز ئۈچۈن تارىخىي قەدەم تاشلىماقتىمىز" دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

"خەبەر تۈرك گېزىتى"، تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئىزمىردە بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ: "تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتىدۇ، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى كەلگۈسى نىشانىنى بەلگىلەپ، بۇ جەھەتتىكى مۇرەككەپ ھالەتنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك" دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

"ۋەتەن گېزىتى"، ئىقتىسادقا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەكنىڭ تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىكى ئالتۇنىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، مەھمەت شىمشەكنىڭ: "ئامېرىكادىكى ئالتۇننىڭ ھەممىسىنى ئالدۇق، ئۇ يەردە ھېچنىمە قالمىدى" دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

"ستار گېزىتى"، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز تىرانسىپورت شىركىتى مېدىتېرانىياننىڭ تۈركىيەگە قاتناش باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شىركەتنىڭ دىرېكتورى دىيېگو ئاپونتېنىڭ: "دۇنيادا ناھايىتى ئاز ساناقلىق دۆلەتلەرگىلا قاتنايدىغان، چوڭ ھەجىملىك كانتىنىرلىق پاراىوتلىرىمىز تۈركىيەگە قاتنايدۇ" دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر