تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 15.09.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

807860
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 15.09.2017

خەبەر تۈرك گېزىتى، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ <بېلەت تاشلىماڭلار!>  دېگەن چاقىرىقى مىڭلىغان كىشىگە تەسىر كۆرسەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «تۈركىيەگە دوست بولمىغانلارغا بېلەت تاشلىماڭلار!» دېگەن چاقىرىقى «SPD» ۋە يېشىللەر پارتىيەسىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا. 24–سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدىن ئىلگىرى ئاساسلىق چوڭ سىياسىي پارتىيەلەر، تېگى تۈركىيەلىك سايلىغۇچىلارغا ئەردوغاننىڭ ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قايغۇرۇشماقتا.  گېرمانىيەنىڭ سايلام قانۇنلىرىدا 2000–يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر ئۆزگەرتىش بىلەن، بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تېگى تۈركىيەلىك سايلىغۇچىلار سانىنىڭ 10 يىلدا 2 ھەسسە كۆپەيگەنلىكى ۋە تېگى تۈركىيەلىك سايلىغۇچىلارنىڭ مۇھىم خەلق توپىغا ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەردوغاننىڭ چاقىرىقى بىلەن يۈز مىڭىلغان سايلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلاش يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

ۋەتەن گېزىتى، «چاۋۇشئوغۇ <كۈچ ئىشلىتىشتىن چېكىنمەيمىز> دېدى» سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې دىران بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باياناتىدا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزمەكچى بولغان سايلىمى ھەققىدە توختالدى. بۇ سايلامنىڭ ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى بۇزىدىغانلىقىنى ۋە رايوندا يېڭى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ چېقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھەممەيلەن بىزنىڭ قەدەم تاشلىشىمىزنى كۈتمەكتە. ئامېرىكالىقلارمۇ شۇنداق. بىز ۋاقتى كەلگەندە ھەرقانداق كۈچنى ئىشلىتىشتىن چېكىنمەيمىز» دېدى. 

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئىدلىبكە 25 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە مەسلىسى يىغىنىنىڭ 6–ئۇچرىشىشلىرى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىب شەھىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلارغا سەھنە بولدى. ئامېرىكا ئەلقائىدەنى باھانە كۆرسىتىپ ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ئىدلىب شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى سۈرىيە قىسىملىرى قوغدايدىغان بولدى. ئۇزۇندىن بۇيان بۇ رايونغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ  ئىدلىبتە قايسى ساھەلەرنى كوتىروللۇقى ئاستىغا ئالىدىغانلىقى مەسلىسىمۇ ئاستانادا بېكىتلىدى. بۇنىڭغا كۆرە، مۇشۇ ئاي ئىچىدە باشلىنىش پىلانلانغان ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق تۈركىيە ئارمىيەسى ھاتاينىڭ يايلا تېغى ۋە رەيھانلى ناھىيەلىرىدىن كىرىپ، ئىدلىبتە 30 ياكى 35 كىلو متېرغىچە ئىچكىرىلەيدۇ.

سىتار گېزىتى، «تۈركىيەگە پەۋقۇلئاددە چوڭ لايىھەلەر كەلمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ كۆۋرۈك، پورت، دوختۇرخانا، يول ۋە ئايرودۇرۇم لايىھەلىرىدىكى دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ شېرىكلىك تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىشنى خالايدىغان دۆلەتلەر ئىستانبۇلغا قاراپ ئاقماقتا. ئۇكرائىنالىق بىر ھەيئەت، 18–سېنتەبىردىن 23–سېنتەبىرگىچە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.  تۈركىيەنىڭ ئارقىمۇ ئارقىدىن ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان پەۋقۇلئاددە چوڭ لايىھەلىرى ئارقىلىق ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە بۇ سېلىنمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يولغا قويغان مالىيە مودېلى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ياۋرو-ئاسىيا تونېلى، ياۋۇز سەلىم بوغۇز كۆۋۈرۈكى ۋە ئىستانبۇلنىڭ يېڭى ئايرودۇرۇمىدىن باشقا يەنە، پورت، دوختۇرخانا، يول ۋە ئايرودۇرۇم لايىھەلىرىدە، تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن خۇسۇسىي ساھەلەر ئارا شېرىكلىك تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى خالايدىغان چەت ئەل ۋەكىللىرى بۇ سېلىنمىلارنى نەق مەيداندىن ئېكىسكۇرسىيە قىلىش شۇنداقلا مالىيە مودېلى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا قاراپ ئاقماقتا.

ساباھ گېزىتى، «بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ پورتۇگالىيەلىك چولپىنى پەپە تۈركىيەنى ئالاھىدە مەدھىيەلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ھەمبەھىرلەشتى: 

پورتو مۇسابقىلىرىدىكى 11 قېتىملىق ئۆزئارا كەسكىن رىقابەتتە 8 قېتىم غەلىبە قىلىپ، بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ كاپالەتچىسىگە ئايلانغان پەپە، مۇسابىقىنى پورتۇگالىيەدە نەق مەيداندىن تارقىتىۋاتقان «Sport TV» غا بايانات بەردى. تەجرىبىلىك چولپان پەپە، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، تۈركىيە ھەققىدە ئىنتايىن ئىجابىي پىكىرلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بەشىكتاش كوماندىسى ۋە تۈركىيە ھەققىدە « تۈركىيە ۋە خەلقى مېنى ھەيران قالدۇردى، ھەممىسى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئاجايىپ دوست سۆيەر كىشىلەر ئىكەن. بۇنى كېلىپ باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ قەتئىي بىلەلمەيسىلەر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر