25.07.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

776861
25.07.2017

سىتار گېزىتى «مۇسۇلمان دۇنياسىدا بىرلىك شەرت»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە كۇۋەيت قاتارلىق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن مۇھىم باياناتلارنى بەردى. ئەردوغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: مۇقىملىق ۋە ئۆز-ئارا ئىشەنچ مۇھىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش يولىدا مۇھىم قەدەملەر تاشلاندى، ۋەيران بولغان نەرسىنى قايتىدىن ئوڭشاش تولىمۇ مۈشكۈلدۈر، ناھايىتى سەزگۈر ۋاقىتتا ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتىمىز ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، مۇسۇلمان دۇنياسىدا بىرلىك ۋە ھەمكارلىق بەرپا قىلىش تولىمۇ مۇھىم، بۇ مەڭگۈلۈك بولۇشى لازىم، بۆلۈنۈش ۋە تەھدىتلەرگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك، تەلەپلىرىمىز ۋە كۈتىدىغانلىرىمىزنى قارشى تەرەپكە ئوچۇق بىلدۈردۇق.»

ھابەرتۈرك گېزىتى «مەسجىدى ئەقسا كۆز قارچۇغىمىزدۇر»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى، ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانى ئىبادەتكە تاقىۋېتىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشقا كەلگەن مۇسۇلمانلارنى تېررورچىلار بىلەن ئوخشاش كۆرۈش ئەقلىي ئادېشىپ قالغانلارنىڭ ئىشىدۇر، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئۆزىگىلا ئەمەس پۈتكۈل رايونغا زىيان ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، مەسجىدى ئەقسا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز قارچىغۇسىدۇر، مۇقەددەس بايلىقلىرىمىزنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشىغا قەتئىي سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز.»

ساباھ گېزىتى «ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى كابىنتىدا ۋەزىپە تەقسىماتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:«يېڭى مىنىستىرلار كېڭىشى چانكايا سارىيىدا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ باشچىلىقىدا تۇنجى قېتىم چاقىرىلدى، يىغىندا مۇئاۋىن باش مىنىستىرلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ئېنىق بېكىتىلدى، ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ بولدى، بوزداغ يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانى ئىبادەتكە تاقىۋېتىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇقەددەسلىكىگە ۋە تارىخىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىش، شۇنداقلا مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە تارىخىي كىملىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئېيتقان بوزداغ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى كۈتىمىز ۋە  ئىبادەت قىلماقچى بولغان مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

يېڭى شەپەق گېزىتى «بۈيۈك شامال ئېنېرگىيەسى لايىھەسى ۋۇجۇدقا چىقىش ئالدىدا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە زور قەدەملەرنى تاشلىۋاتقان تۈركىيە، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن كېيىن شامال تۇربىنى ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ بۈيۈك لايىھەلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى 1000 مېگاۋاتلىق شامال ئېنېرگىيە بازىسى لايىھەسى ئۈچۈن خېرىدار چاقىرىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ يىغىنغا يەرلىك ۋە چەت ئەل شىركەتلىرى قاتنىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر