12.12.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

628791
12.12.2016

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «تېررورچىلار تېخىمۇ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھاسەكى تەلىم – تەربىيە ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن خائىن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغان ساقچىلاردىن ھال سورىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھۇجۇمدا 38 كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 155 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، <بۇلارنىڭ قىلغىنى قىلغان بولۇپ قالمايدۇ، ئۇلار تېخىمۇ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدۇ> دېدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن بومبىنىڭ تۈرى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، <پۈتكۈل تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا، تەكشۈرۈشلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇلارنىڭ تۈرى نېمە – نېمە ئەمەس تەپسىلىي بايانات بېرىلىدۇ> دېدى.»

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «ئۈچ پارتىيە تېررورلۇققا قارشى ئورتاق بايانات بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى گۇرۇپپىلىرى ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى يېزىلغان ئورتاق باياناتقا ئىمزا قويدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقى ۋەكىلى مۇستاپا ئەلىتاش، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقى ۋەكىلى ئەنگىن ئالتاي ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقى ۋەكىلى ئەركان ئاقچاينىڭ ئورتاق ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنىپ، گۇرۇپپا باشلىقى ۋەكىلى تەرىپىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئوقۇلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: <بۇ، ئېزىز تۈرك مىللىتىنىڭ بىرلىكىگە، مەۋجۇتلۇقىغا قىلىنغان ۋەھشىيلەرچە تېررورلۇق ھۇجۇمىدۇر. قايسى تېررورلۇق تەشكىلاتى بولسا بولسۇن، بۇ ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلار بىلىپ قالسۇنكى، ئېزىز مىللىتىمىزنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى بۇزۇلمايدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇ باياناتقا ئىمزا قويغان پارتىيە گۇرۇپپىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىز قەلبىدىن چىققان ئېزىز مىللىتىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئاداققىچە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرىمىز.>»

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «ساقچىلىرىمىزنىڭ يېنىدىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «خائىن تېررورلۇق تەشكىلاتى  PKK نىڭ تۈركىيەنى پارچىلاش مەقسىتىدە پارتلاتقان بومبىلىرى، تۆككەن قانلىرى بىر مىللەتنى <ساقچىمىزنىڭ يېنىدىمىز>  دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا يەنە بىر قېتىم بىرلەشتۈردى. ئىستانبۇلدا تەرتىپ ساقلىغۇچى قىسىملارغا قارىتىلغان خائىن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ساقچىلارنى قوللاش دولقۇنى باشلاندى. ئىجتىمائىي مېدىيا ئىشلەتكۈچىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، كىشىلەرنى <ساقچىمىزنىڭ يېنىدىمىز> دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ساقچىلارغا ھەمنەپەس بولۇشقا چاقىردى. چاقىرىقتا ھۇجۇملارغا لەنەت ئوقۇلدى، <بىزنىڭ خاتىرجەملىكىمىز، بىخەتەرلىكىمىز ۋە كېلەچىكىمىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان ساقچىمىزنىڭ ھەر دائىم يېنىدىمىز. <ساقچىمىزنىڭ يېنىدىمىز> تېمىسى ئاستىدا ئۇلارنى قوللايمىز> دەپ ئۇچۇرلار ئورتاقلىشىلدى.»

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى بىر گەۋدىگە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئىستانبۇلدا 38 كىشىنىڭ شېھىت بولۇشى، 155 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى دۆلەت بىر گەۋدە، بىر مۇشتقا ئايلاندى. سىياسەت، مېدىيا، سودا – سانائەت، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت دۇنياسى ھەمكارلىق چاقىرىقلىرىنى ئېلان قىلىشتى. تېررورلۇققا قارشى نەپرەت ۋە قەتئىيلىك ئۈلگىسى نامايان قىلىندى. دۇنيا مىقياسىدىكى ۋىجدان ئىگىلىرى تۈركىيەنى قوللاپ باياناتلارنى ئېلان قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر