تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 09.12.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

627178
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 09.12.2016

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېڭى شەپەق گېزىتى، «مۇھاجىرەتتىكى تۈركلەر دوللارنى لىراغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلمەكتە» سەلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقى بىلەن دوللار ۋە ياۋرولىرىنى لىراغا ئالماشتۇرۇشنى باشلىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىمىزمۇ ئورۇن ئالدى. فىرانسىيەدىن 300 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا تۈركىيەگە كېلىپ دوللارلىرىنى لىراغا ئالماشتۇرۇپ كېتىدىغان بولدى. پات يېقىندا چەت ئەل پېرېۋوتلىرىنى لىراغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدىغان مۇھاجىرەتتىكى تۈركلەر سانىنىڭ ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ سەپەرۋەرلىكنى دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئىدارە - ئورگانلىرى، سادا – سنائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلارمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە. بۇ جەھەتتە  تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر جەمئيىتىنىڭمۇ قەدەم تاشلىشى كۈتۈلمەكتە.

ساباھ گېزىتى، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ، ئۇلارغا: <قوينۇڭلاردا يىلان باقماڭلار!> دەپ چاقىرىق قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

«ساباھ» ۋە «Daily Sabah» گېزىتىنىڭ يازغۇچىلىرى لوندون ۋە ۋاشىنگىتوننىڭ ئارقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئاڭلاتتى. ئۇلار سۆزلىرىدە: «ياۋروپانىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلدى. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغان تەرەپ ئۆزلىرى بولۇپ قالىدۇ» دېدى. يازغۇچىلار ئۆزىنى «مەھدى» دەپ قارايدىغان بىرسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتقان، ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭغا ھەممە نەرسىلىرىنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان، ئۆزلىرىنى ھەر خىل پەردىلەر بىلەن يوشۇرۇلايدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت بولغان ھەرقانداق دۆلەتتە تىرۇۋا ئېتىنىڭ رولىنى ئالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى ھەمدە: «ئەگەر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشتا ئۇتۇققا ئېرىشكەن بولسا ئىدى. خۇددى مىسىردا سىسىنى ئېتىراپ قىلغانغا ئوخشاش تۈركىيەنى ئالقىنغا كىرگۈزۈۋالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىمۇ ئاسانلا ئېتىراپ قىلغان بولاتتى. بۇ ئاجايىپ چوڭ قەلبنى زىدە قىلىدىغان ئىش ۋە ئۆز نۆۋتىدە يەنە، ياۋروپاغا نىسبەتەنمۇ ئەڭ چوڭ شەرمەندىچىلىك بولغان بولاتتى» دېدى.

ۋەتەن گېزىتى، تېررورلۇقنىڭ ئۇۋېسغا ئايلانغان قاندىلنى ئەمدىلىكتە كۆكتۈرك سۇنئىي ھەمراھىنىڭ قورقۇنچى باستى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ئىراقنىڭ قاندىل رايونىنى ئۇۋا تۇتقان ۋە كۆكتۈرك سۇنىئىي ھەمراھى ئارقىلىق پۈتۈن ھەرىكەتلىرى كۆزىتىلىپ ئۇجۇقتۇرۇلىىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئەزالىرى سىمسىز تېلېفون ئالاقىلىرىدە، قانچىلىك قورقۇنچ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى.  تېررورچىلارنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان سىمسىز ئالاقىلىرىدا، «ئىنسانسىز قاناتلار، يەنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ھەممىمىزنى بۈركۈتكە ئوخشاش ئوۋلىدى. ئەمدىلىكتە قويۇپ بېرىلگەن كۆكتۈرك -1 سۇنئىي ھەمراھى پەيدا بولدى. بىزنى قىيىن كۈنلەر كۈتمەكتە» دېيىشكەنلىكلىرى بايقالدى. تېررورچىلارنىڭ سۆھبەتلىرىدە يەنە، مۇشۇ يىل ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئەزالىرى سانىنىڭ ئالدىنقى 10 يىلدىكىنىڭ ئومۇمىي سانىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «تۈركىيە ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق خەۋەر؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ئۆكتەبىردە يۇقىرى ئۆرلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئۆكتەبىردىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئىلگىرىكى بىر ئايغا سېلىشتۇرغاندا %3.7 ئاشتى. ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %2 ئاشقان بولدى.  سانائەتنىڭ تۆۋەن ساھەسى تەكشۈرۈلگەندە، ئۆكتەبىردە، ئىلگىرىكى بىر ئايغا سېلىشتۇرغاندا كان مەھسۇتلاتلىرى ساھەسى %6، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى %4.1، توك، گاز، پار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش ساھەسى %2.9 يۇقىرى ئۆرلىدى. تۈركىيە ئىلىم – پەن، سانائەت ۋە تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى فارۇق ئۆزلۈ، بۇ ئۆرلەشكە ھەم تاشقى سودىدا ئېكىسپورت تىجارىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى، ھەم ئىچكى بازاردىكى تەلەپنىڭ ئېشىشىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «يىلنىڭ تۆتىنچى چارىكى نۇرغۇنلىغان نۇقتىلاردىن ئۈچىنچى چارىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىن كۆرسەتكۈچلىرى كېلىشكە باشلىدى» دېدى. 

سىتار گېزىتى، «نەجىپ فارىل مۇكاپاتلىرىنىڭ تارقىتىلىشى ئۈچۈن ساناغلىقلا كۈن قالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

ئەدەبىيات دۇنياسىدا چوڭ ھاياجان قوزغىغان «نەجىپ فارىل مۇكاپاتلىرى» مۇراسىمى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 10 - دېكابىر شەنبە كۈنى ئاخشىمى خەلىج قۇرۇلتاي زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇكاپاتلاش مۇراسىمى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا نەق مەيداندىن كۆرسىتىلىدۇ. بۇ يىل «نەجىپ فارىل مۇكاپاتلىرى» مۇراسىمىدا ھۆرمەت مۇكاپاتى، تۈركىيە ھېكايە ئەدەبىياتىنىڭ كاتتا ئۇستازلىرىدىن مۇستافا قۇتلۇغا تەقدىم قىلىنىدۇ. ھېكايە، رومان ساھەسىدىكى مۇكاپاتلار جىھان ئاقتاشقا، شېئىر مۇكاپاتى ئەبۇبەكىر ئەرئوغلۇغا، پىكىر ۋە تەتقىقات مۇكاپاتى ياشار چاغبايغا بېرىلىدۇ. بۇ يىل تۈنجى قېتىم تارقىتىلىدىغان «نەجىپ فازىل دەسلەپكى ئەسەرلەر مۇكاپاتى» ھېكايەشۇناس مۇستافا چىفتىجىگە تەقدىم قىلىنىدۇ. شائىر ئەمەل ئۆزكانمۇ مۇكاپات ئالىدىغان كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ھەر يىلى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان بۇ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ نىشانى، نەجىپ فازىل قالدۇرۇپ كەتكەن كۈلتۈر ۋە مەنىۋىي قىممەت قاراشلارنى نەسىللەرگىچە ياشنىتىش. پىكىرىلىرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا سىڭدۇرۇش ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر