تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 29.07.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

540464
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 29.07.2016

 

يېڭى شەپەق گېزىتى «يېڭىلىق يوق»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيان قوزغاش ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن ۋاقتى ئالدىغا تارتىلغان، تۈركىيە تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرى ئـۆزگەرمىدى. ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال ھۇلىسى ئاكار، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ساھىل زەكى چولاك، ھاۋا ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئابىدىن ئۈنال ۋە دېڭىز ئارمىيە قوماندانى گېنېرال بۈلەنت بوستانئوغلۇ ئۆز مەنسىپىدە قېلىۋەردى. پېنسىيەگە چىققان ژاندارما قوماندانى گېنېرال غالىپ مەندىنىڭ ئورنىغا ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى گېنېرال ياشار گۈلەر تەيىنلەندى. 1-  ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۈندار بولسا، ئارمىيە 2 – مۇئاۋىن قوماندانى بولدى.

ساباھ گېزىتى، «خەلق شېھىتلىرىگە ئىگە چىقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيان قوزغاش ئۇرۇنۇشىنى باستۇرۇشتا شېھىت بولغان پۇقرالار ئۈچۈن باشلانغان «15 – ئىيۇل ھەمكارلىشىش سەپەرۋەرلىكى» قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە خەلقىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. تۈركىيە خەلقى شېھىتلىرىنىڭ ۋە يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىش شۇنداقلا دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە ئۆتتى. سەپەرۋرەلىككە ئاۋاز قوشقان خەلق ئاممىسى ۋە ئىدارە - ئورگان، جەمئىيەتلەر قىلماقچى بولغان ياردەملىرىنى بىۋاستە ئېچىلغان ھېسابقا ئەۋەتىشتىن باشقا يەنە، «Turkcell»، «Vodafone» ۋە «Türk Telekom (Avea) » قاتارلىق سىمسىز ئۇچۇر بېكەتلىرىنىڭ 1507 نۇمۇرىغا «15 – ئىيۇل» دېگەن قىسقا ئۇچۇر ئېتىش ئارقىلىقمۇ 5 لىرا ياردەمدە بولايدىغان بولدى.

سىتار گېزىتى، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيان قوزغاش ئۇرۇنۇشى چەت ئەللىكلەرنى ئۈركىتەلمىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيان قوزغاش ئۇرۇنۇشى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتەلمىدى. تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «Microsoft»، «IBM»، «Nestle»، «Toyota»، «3M» ۋە «Sumitomo Rubber» قاتارلىق شىركەتلەر تۈركىيەگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ شىركەتلەر تۈركىيە ئىقتىسادىغا ۋە تەرەققىيات كۈچىگە بولغان ئىشەنچىلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىشتىن ئىنتايىن خۇشالمىز. تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلىمىز» دېدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەكتەپلىرىگە «تۈرك مەكتىپى» دېگەن ئىسىمنىڭ ئىشلىتىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە چەت ئەللەردىكى 1500 گە يېقىن مەكتەپكە «تۈرك مەكتىپى» دېگەن ئىسىمنىڭ ئىشلىتىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلاندى. تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر باشقارمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان يىغىندا، مەزكۇر مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەللەردە خۇددىي تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق مەكتەپتەك ھېس قىلىنىدىغانلىقى، بۇ خىل قاراشنىڭ شەكىللىنىشىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن مەكتەپلەرنىڭ ئىسمىدىن «تۈرك» دېگەن سۆزنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىنىڭ لازىملىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك ئىدارە - ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەكلىكى رەسمىي قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيان قوزغاش ئۇرۇنۇشىنىڭ قانداق باستۇرۇلغانلىقى ھەققىدىمۇ ھەم خەلقئارا جامائەتچىلىكنى، ھەم چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركلەرنى تولۇق مەلۇماتقا ئىگە قىلىش كېرەكلىكى قارار قىلىندى. بۇ مەقسەتتە 11 تىلدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دائىر دوكلات تەييارلاندى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «ئۇكرائىناغا تۈركىيە مېترو ياساپ بېرىدىغان بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئۇكرائىنانىڭ دىنىپرو شەھىرىنىڭ مېترو قۇرلۇشىنى تۈركىيەنىڭ «Limak» قۇرۇلۇش شىركىتى ھۆددىگە ئالدى. جەمئىي 224 مىليون ياۋرولۇق مېترو قۇرلۇشى لايىھەسى تۆت يېرىم كېلومىتېر تۆمۈر يول ۋە 3 بېكەتتىن تەركىپ تاپىدۇ،  «Limak» قۇرۇلۇش شىركىتى قۇرلۇش لايىھەسىدىن تارتىپ، ئېلېكتىرونلۇق مېخانىزملىرىغىچە ھەممىنى تەڭلا ھۆددىگە ئالدى. باھا تالاشتۇرۇپ ھۆددىگە بېرىش رىقابىتىگە 30 دىن كاپرەك خەلقئارالىق قۇرۇلۇش شىركىتى قاتناشقان بولۇپ، «Limak» قۇرۇلۇش شىركىتى ئۇتۇپ چىققان بولدى. «Limak» قۇرۇلۇش شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودورومىنىڭ يېڭى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر