21.07.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

534360
21.07.2016

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دۇنيادا ھېچقانداق رەھبەر ئۇچراپ باقمىغان خەتەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ قىيىنچىلىقى ئاستىدا تەمتىرىمەستىن رەھبەرلىك قابىلىيىتىنى نامايان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دۆلەتنى تەمكىنلىك بىلەن قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ جەرياندا غەزەپلىنىش كېرەك بولغاندا غەزەپلىنىپ، تەمكىن بولۇش كېرەك بولغان يەردە تەمكىن بولۇپ، ھېچقانداق يەردە خاتالىققا ئورۇن قالدۇرماي، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەتتىكى كىشىلەر تۈركىيەنىڭ 15 – ئىيۇل كېچە بويىچە زور قىيىنچىلىق ئاستىدا  جەسۇرلۇق بىلەن قەتئىي ئىرادىسىنى ناامايان قىلىپ، كۈچلۈك ھاكىمىيەتنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتىشماقتا ئىكەن.

«ساباھ گېزىتى» بۈگۈنكى سانىدا جىددىي ھالەت ھەققىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

دۇنيادا جىددىي ھالەت يولغا قويۇشنىڭ نۇرغۇن ئۆرنەكلىرى بار. بولۇپمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەل قائىدە ۋە دائېشقا ئوخشاش دۇنيا خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن، غەرب دۇنياسى پات – پات يولغا قويۇۋاتقان چارە. مەسىلەن، 2015 – يىلى 13 – نويابىر پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان. بۇ قارار 20 – ئىيۇل كېچىسى 4 – قېتىم ئۇزارتىلغان. فىرانسىيەدە جەمئىي 14 ئاي داۋاملىشىدىغان بۇ ئەھۋال خەلقنى بىئارام قىلمىغان.

ئامېرىكىنىمۇ جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان دۆلەتلەرگە مىسال قىلىش مۇمكىن. ئۆكتەبىر ئېيىدا يۈز بەرگەن قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن پىرېزىدېنت ئوباما جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

«ستار گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى سانىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى تاراتقۇلاردا قانداق ئەكس ئەتكەنلىكى مۇنداق خەۋەر قىلىندى:

«غەرب دۇنياسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قانلىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇپ، تۈركىيە دېموكراتىيەسىگە تەھدىت سالغانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئىسيانىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 –  ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، غەرب دۇنياسىنىڭ تاراتقۇلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن كۈندىكى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ ئورنىغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى نىشان قىلغان ھوقۇقنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈش تەھدىتى بار، دېگەن تۆھمەتلەرنى تارقىتىشقا باشلىغان. غەرب تاراتقۇلىرى يازغۇچىلارنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى يۈز بەرگەندە، يۈزلەرچە ئادەمنىڭ شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلىرىغا ئورۇن بەرمىگەن.

«ۋەتەن گېزىتى»، خەلقئارا دەرىجىگە ئايرىش تەشكىلاتى فىتچنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى جېيمىس ۋوتسوننىڭ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، تۈركىيە بانكىلىرىنىڭ ئاساسىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ۋوتسون تۈركىيەنىڭ كىرېدىت نومۇرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى 19 – ئاۋغۇستقا كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر