تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

97740
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يېڭى شەپەق گېزىتى، تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئاندېرىس فوگ راسمۇسسېننىڭ دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، رۇسمۇسسېننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ كۈز پەسلىدە ئاخىرىلىشىدىغانلىقى، باش كاتىپ بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئابدۇللاھ گۈلنىڭ رەخمەت ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە باش كاتىپ راسمۇسسېننىڭ سىنتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرى ھەققىدە دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلگە مەلۇمات بەرگەنلىكى، ئۇچرىشىشتا ئىراق، ئۇكرائىنا، سۈرىيە ۋە ئافغانىستان ۋەزىيىتى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك يېڭى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە يەنە، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ۋە ئۇكرائىنا ۋەزىيتىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
سىتار گېزىتى، «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پورت ياسىلىش ئالىدىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودورۇم قۇرۇلۇشىغا ھۇل سىلىنغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە يەنە بىر چوڭ لايىھەنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە، ئايرودورۇم قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە 3 – كۆۋرۈك ۋە ئىستانبۇل قانىلى قۇرۇلۇشى خىزمەتلىرىدىن كېيىن، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پورت شەھىرىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئاخشام گېزىتىنىڭ ئىقتىساد سەھىپىسىدىكى «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق ئايروپىلان زاكاس قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئامېرىكا (Boeing) ئايروپىلان شىركىتىگە چوڭ زاكاس بەرگەنلىكىنى يازدى.
خەۋەردە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن رەسمىي زاكاس قىلىنغان 15 دانە (B737 MAX 8s) تىپلىق يولۇچى ئايروپىلانىنىڭ نورمال تېزىملىكتىكى باھاسىنىڭ 1 مىليارد 600 مىليون دوللار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
خەۋەردە يەنە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، زاكاس قىلىنغان ئايروپىلانلارنى 2020 – يىلى تاپشۇرۇپ ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئالدىنقى يىلى 50 دانە (737 MAXs) تىپلىق ئايروپىلان ۋە 20 دانە (737s) تىپلىق ئايروپىلان زاكاس قىلغانلىقى، بۇ قېتىمقى زاكاسنىڭ بولسا، ئالدىنقى يىلقى زاكاسلارغا قوشۇمچە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خەبەر تۈرك گېزىتى، «دۇنيانىڭ 1000 – مىراسى تۈركىيەدىن بولسۇن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتىگە ئەزالىققا سايلانغانلىقى ۋە ئونلىغان دۆلەت تەرىپىدىن ئىلتىماس سۇنۇلغان دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى مۇزاكىرە ئۈستىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۈنجى قېتىم تۈركىيەنىڭ ئولتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە، دۇنيا مىراسى تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىغان 1000 – بويۇم بەلگىلىنىدىغان دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنىنىڭ تۈنۈگۈن دوھادا باشلانغانلىقى ۋە 25 – ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى، تۈركىيەدىنمۇ بۇرسا ۋە جۇمالىقىزىق بىلەن بەرگامانىڭ تېزىملىككە كىرگۈزىلىشى ئۈچۈن ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ مۇزاكىرىگە سۇنۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر