ئەلىيېۋ: ئەرمېنىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنىڭ ھازىرقى ئاساسىي قانۇنى ئۆزگەرمەي تۇرۇپ، بۇ دۆلەت بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشلىرىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

2149870
ئەلىيېۋ: ئەرمېنىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام ئەلىيېۋ ت د ت (تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى) پارلامېنتلار مەجلىسى-تۈركپا (TÜRKPA)  نىڭ 13 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت باكۇدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى.

ئەلىيېۋ بۇن يەردە قىلغان سۆزىدە، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئەرمېنىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بايان قىلىنغان مۇستەقىللىق خىتابنامەسى ئەزەربەيجانغا قارشى تېررىتورىيەلىك تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە كېلىپ، ئەرمەنلەرنىڭ ئىدىئولوگىيەسىدە، تۈركىيەگە قارشى زېمىن تەلەپ قىلىش دەۋالىرىمۇ بار. ئەرمەنلەر بالىلىرىغا تۈركلەرنى دۈشمەن دەپ كۆرسىتىدۇ. ئەرمېنىيەنىڭ ھازىرقى ئاساسىي قانۇنى ئۆزگەرمەي تۇرۇپ، بۇ دۆلەت بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر