ئەلىيېۋ: ت د ت دۇنياۋى چوڭ كۈچ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ت د ت (تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى) نىڭ دۇنياۋى ئۆلچەمدە چوڭ كۈچ مەركىزىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ۋاقتى كەلگەندە دۇنيادىكى بارلىق مەسىلىلەر ت د ت بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ھەل بولىدۇ» دېدى.

2149940
ئەلىيېۋ: ت د ت دۇنياۋى چوڭ كۈچ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تۈرك دۆلەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى (TÜRKPA) 13-ئومۇمىي كېڭىشى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت باكۇغا يېتىپ كەلگەن ت ب م م (تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى) نىڭ باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش، قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يەرلان قوشاناۋ، ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى تانزىلا ناربايېۋا، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى نۇرلانبېك شاقىيېۋ، ش ق ت ج (شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى) پارلامېنتىنىڭ باشلىقى زورلۇ تۆرە، ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مارتا ماتراينى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئىلھام ئەلىيېۋ ت د ت نى مۇستەھكەملەش ۋە تۈرك دۇنياسىنى كۈچەيتىش، ئەزەربەيجاننىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلىرىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ جۇغراپىيەسى كەڭ، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە چوڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «قاتناش يوللىرى، ئېنېرگىيە مەنبەلىرى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى، ئېشىۋاتقان نوپۇسى، ئىجابىي دېموگرافىك ئەھۋالى قاتارلىقلار چوڭ يوشۇرۇن كۈچلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇنى دۇنياۋى ئۆلچەمدە چوڭ كۈچكە ئايلاندۇرۇش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:

«تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە بىرلىشىشى، تۈرك دۇنياسىنى ۋە ت د ت نى دۇنياۋى ئۆلچەمدە چوڭ كۈچ مەركىزىگە ئايلاندۇرىدۇ. ھازىرقى مەۋجۇت كۈچ مەركەزلىرى كىرىزىس ئىچىدە. ھەر بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كىرىزىس رامكىسى بار. بىزدە بولسا دەل ئەكسىچە يوشۇرۇن كۈچلىرىمىز كۈنسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ. بۇ بىرلىشىش تەبئىي ئەھۋال، بۇ بىرلىشىشنىڭ ئۇلى ئورتاق يىلتىزلارغا تۇتىشىدۇ. شۇڭا، بۇ بىرلىشىش باشقا بارلىق بىرلىشىشلەردىن كۆپ كۈچلۈك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ بىرلىشىشىمىز ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت يىلتىزلىرىغا تايىنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ بىرلىشىشنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەك.»

ئۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ھەر بىر قاتلامنىڭ ئوخشاش مەقسەتتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«ۋاقتى كەلگەندە دۇنيادىكى بارلىق مەسىلىلەر ت د ت بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ھەل بولىدۇ. بىز ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە دوستلۇقنى قوللايمىز، بىرلىشىشىمىز ھېچكىمگە قارشى ئەمەس، بىز تەھدىت مەنبەسى ئەمەسمىز ۋە بولمايمىز، ئۆزىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايمىز ۋە بىر-بىرىمىزنى قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر