ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئەتە تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەتە تۈركىيەگە كېلىدۇ.

2149173
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئەتە تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىرزىيويېۋنىڭ زىيارىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

2016-يىلى 1 مىليارد 242 مىليون دوللار بولغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 2020-يىلى 2 مىليارد 100 مىليون دوللارغا، 2023-يىلى 3 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتتى.

ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ، ساغلاملىق ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرى داۋاملىق تېز تەرەققىي قىلماقتا. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇلتۇر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ساغلاملىق ۋە مائارىپ مۇنبىرى يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچىلەر تەرىپىدىن قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن بىرى بولغان ۋىزا مەسىلىسى توغرىلىقمۇ ئىجابىي قەدەملەر تاشلاندى.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 2017-يىلى تۈركىيە پۇقرالىرىغا 3 كۈن ئىچىدە ۋىزا بېرىش قارارنامەسىنى ئىمزالىدى. 2018-يىلى 2-ئايدا، تۈركىيە پۇقرالىرىغا 30 كۈنلۈك ۋىزاسىز ساياھەت ھوقۇقى بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارەتلىرى كۆپەيدى. 2016-يىلى 150 مىڭ ئەتراپىدا بولغان تۈركىيەگە كەلگەن ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 2023-يىلى تەخمىنەن 500 مىڭغا يەتتى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2016-يىلغىچە ھەر ھەپتىدە 5 قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانى يېقىنقى يىللاردا كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ھازىر ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ھەپتىدە 60 قېتىم ئايروپىلان سەپەرلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر