جەيھۇن بايراموۋ ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن  ئالمۇتا شەھىرىدە كۆرىشىدىغان بولدى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق كېلىشىمى مۇزاكىرەلىرى دائىرىسىدە، 10 - مايدا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇچرىشىدىغان بولدى.

2135829
جەيھۇن بايراموۋ ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن  ئالمۇتا شەھىرىدە كۆرىشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئايخان ھاجىزادە X ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا: «ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان 2024-يىلى 10–مايدا ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ» دېيىلدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ 1 - مايدا ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنى تەييارلاش توغرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ مۇزاكىرەلىرىنىڭ قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىشىگە دائىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

توقايېۋ ئەرمېنىيە پايتەختى يېرېۋاندا 15–ئاپرېلدا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە قازاقىستاننىڭ بۇ مەسىلىدە ياخشى نىيەتلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر