ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ
ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
2125182
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق بەش دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ 7-ئايدا قازاقىستاندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
«بىرلەشتۇق- 2024» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئوماشا چېنىقىش رايونى ۋە كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى توقماق تومشۇقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئارمىيەلىرى بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئالاھىدە قىسىملىرى ئەزەربەيجاندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى.