خىتاي قازاقىستاننى «بىر بەلۋاغ بىر يول» نىڭ يېڭى كارىدورىنى بىرلىكتە قۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي-قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتنىڭ تۇنجى يىغىنىنى پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن.

2122636
خىتاي قازاقىستاننى «بىر بەلۋاغ بىر يول» نىڭ يېڭى كارىدورىنى بىرلىكتە قۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يىغىندا سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى شەرق-غەرب سودىسىنى جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «يۇقىرى سۈپەتلىك، سىجىل ۋە چىدامچان يېڭى ئۇلىنىش كارىدورىنى بىرلىكتە قۇرايلى!»  دېدى.

ۋاڭ يى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كۈچلۈك تەرەققىيات شارئىتىغا ئېرىشكەنلىكىنى، قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىشەنچ، قوللاش ۋە ھەمكارلىقنىڭ ياخشى ئۈلگىسىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قازاقىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇرات نۇرتلېئۇ قازاقىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن سىياسىي ئىشەنچنى، خەلقلەر ئارىسىدىكى تەسىر ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھەمدە خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا، تەرەپلەر بىر بەلۋاغ بىر يول ھەمكارلىقى، يەرلىك ئورگانلار بىلەن خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشنى كۈچەيتىش، تاشقى ئارىلىشىش ۋە سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى ياخشىلاش، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دىئالوگى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيادا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى كونفىراسى  ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار دائىرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا بىلەن بولغان سودىسىغا نىسبەتەن ھالقىلىق كارىدور ھېسابلىنىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە قازاقىستان تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى قازاقىستان زىيارىتى جەريانىدا تۇنجى قېتىم بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر