قازاقىستانىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
قازاقىستاندا ئېرىگەن قار سۇلىرىنىڭ يېزىلاردا تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى. بەزى ئۆلكىلەردە «رايون خاراكتېرلىك جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىندى.
![قازاقىستانىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/cdc9/db16/e4c6/660662ae3c549.jpg?time=1722046121)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا قېلىن قار يېغىش بىلەن ئۆتكەن قىشتىن كېيىن كەلگەن باھار ھاۋاسى، قار سۇلىرىنىڭ تېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ سەۋەبتىن بەزى يېزىلارنىڭ پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. دۆلەتنىڭ جەنۇبى، غەربىي ۋە شەرقىي قىسىملىرىدىكى تاشيوللار بىلەن كۆۋرۈكلەرنىڭ سۇ ئاستىدا قېلىشى سەۋەبىدىن يېزا قاتنىشى قىيىنلاشتى.
قازاقىستان جىددىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىستان، ئاكتۆبە، كوستاناي ۋە غەربىي قازاقىستان ئۆلكىلىرىدە سۇ ئاستىدا قالغان يېزىلاردىن 613 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 2 مىڭ 54 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇ بېسىپ كېتىش ۋەقەلىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان غەربىي قازاقىستان، ئاباي، ئاكتۆبە ۋە كوستاناي ئۆلكىلىرىدىكى بەزى جايلاردا، «رايون خاراكتېرلىك جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![جەلالئاباد ۋە ئوشتا كەلكۈن يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/836c/9f46/efc8/66a09856eda73.jpg?time=1722046121)
جەلالئاباد ۋە ئوشتا كەلكۈن يۈز بەردى
قىرغىزىستاننىڭ جەلالئاباد رايونىدا يۈز بەرگەن كەلكۈندە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلدى.