ئىلھام ئەلىيېۋ بىنالى يىلدىرىمنى قوبۇل قىلدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، نىزامى گەنجەۋى خەلقئارا مەركىزى تەشكىللىگەن «11-نۆۋەتلىك باكۇ مۇنبىرى» گە قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا بارغان بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، يىلدىرىم كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، نىزامى گەنجەۋى خەلقئارا مەركىزىنىڭ تەسىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۈچىيىپ، خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان سەھنىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆزىنىڭ مۇنبەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم، ئەلىيېۋنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاقساقاللار كېڭىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.
پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ئۆزىنىڭ پىرېزدېنتلىققا قايتا سايلانغاندىن كېيىن ئەنئەنە بويىچە تۇنجى بولۇپ تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى توغرىسىدا توختالغان.
كۈتۈۋېلىش جەريانىدا، تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.