قازاقىستان ئىككى ئايرىم سائەت ۋاقتىنى بىرلەشتۈردى

قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ چىقارغان قارارى بىلەن 29-فېۋرالنى 1-مارتقا باغلىغان كېچە دۆلەتنىڭ غەربىدىكى رايونلاردىن باشقا بارلىق جايلاردىكى شەھەرلەردە سائەتلەر بىر سائەت كەينىگە بۇرالدى.

2109576
قازاقىستان ئىككى ئايرىم سائەت ۋاقتىنى بىرلەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا ئىككى سائەت ۋاقتى بىرلەشتۈرۈلدى. بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇش پۇقرالارنىڭ تېلېفونلىرىغا ئەۋەتىلدى. ئايروپىلان ۋە پويىز قاتنىشىنىڭ ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي لىنيە تەشكىل قىلىندى. تېلېفون يۇمتاللىرىدا بەزى مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشىشتە چەكلىمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى (2023) ئىككى رايون ۋاقتىنى بىرلەشتۈرۈشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر