قىرغىز-تاجىك چېگرا سۆھبەتلىرى داۋاملاشماقتا

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان دەتالاشلىق چېگرالارنىڭ 1.1 كىلومېتىرلىق قىسمى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

2104075
قىرغىز-تاجىك چېگرا سۆھبەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستان مىللىي خەۋپسىزلىك دۆلەت كومىتېتى قىرغىزىستان بىلەن دەتالاشلىق چېگرالارنىڭ بىر قىسمى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تاجىكستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان سوغدى ۋىلايىتىگە قاراشلىق بوستاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىككى دۆلەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ چېگرانىڭ 1.1 كىلومېتىرلىق قىسمى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، ئالاقىدار كېلىشىمنىڭ تۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تەرەپلەرنىڭ قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېلەر قېتىملىق يىغىندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاشلىق چېگرانىڭ باشقا قىسىملىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى 972 كىلومېتىرلىق چېگرانىڭ تەخمىنەن %90 ىگە توغرا كېلىدىغان 889.45 كىلومېتىرلىق قىسمى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان ئىدى. ئاخىرقى قېتىم 30-يانۋار (2023) دىن 5-فېۋرالغىچە (2024) قىرغىزىستاننىڭ باتكەن شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولغان تەرەپلەر، چېگرانىڭ 3.71 كىلومېتىرلىق قىسمى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئىدى.

تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرا دەتالاشلىرى سەۋەبىدىن پات-پات جىددىيچىلىكلەر ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 14-فېۋرال (2022) يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، ئىككى تەرەپتىن ئونلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر