ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىدىن ئۆچ ئالدى
باكۇ ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئوق چىقىرىپ پوستتا تۇرۇۋاتقان بىر ئەزەربەيجان ئەسكەرنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، «ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2101573
![ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىدىن ئۆچ ئالدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5d3c/9f3f/10b6/62e62cd04ce09.jpg?time=1722046702)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەتلىك چېگرا مۇلازىمىتى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ تۈنۈگۈنكى قۇتراتقۇلۇقىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقىرىلغان جاينىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغانلىقى ۋە ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى سېپىدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى تەكىتلەندى.
ئەرمېنىيەنىڭ قۇتراتقۇلۇقلىرىغا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىر ۋە ئەجەللىك ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئەرمېنىيە سىياسىي ۋە ھەربىي دائىرىلىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئەرمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئەزەربەيجاننىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى جەريانىدا، ئىككى ئەرمەن ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈنۈگۈن، زەنگىلان ۋىلايىتىنىڭ قوللۇقىشلاق يېزىسى يۆنىلىشىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي ئورۇنلىرىغا كافان ۋىلايىتىنىڭ نەركىن-ئاند يېزىسى يۆنىلىشىدىكى ئەرمېنىيە بازىلىرىدىن ئوق چىقىرىلغانلىقى، ۋەقەدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![جەلالئاباد ۋە ئوشتا كەلكۈن يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/836c/9f46/efc8/66a09856eda73.jpg?time=1722046702)
جەلالئاباد ۋە ئوشتا كەلكۈن يۈز بەردى
قىرغىزىستاننىڭ جەلالئاباد رايونىدا يۈز بەرگەن كەلكۈندە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلدى.