تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا 62 ماددىلىق ھەرىكەت پىلانى ئىمزالاندى

تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا 11-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتى كېلىشىمنامىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك  62 ماددىلىق ھەرىكەت پىلانى ئىمزالاندى.

2100452
تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا 62 ماددىلىق ھەرىكەت پىلانى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ۋە قىرغىزىستان مىنىستىرلار كېڭىشى رەئىسى ئاقىلبەك جاپاروۋ پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئايرىم ئايرىم ۋە ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، تۈنۈگۈن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ۋە قىرغىزىستان مىنىستىرلار كېڭىشى رەئىسى ئاقىلبەك جاپاروۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈركىيە-قىرغىزىستان بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى باشلاندى.

تۈركىيە-قىرغىزىستان بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتى كېلىشىمنامىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك  62 ماددىلىق ھەرىكەت پىلانىغا ئىمزا قويغان يىلماز ۋە جاپاروۋنىڭ ھۇزۇرىدا، كومېتىت دائىرىسىدە قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بىشكەكتە ئىمزالانغان خەلقئارا تاشيول تىرانسىپورت كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېلىشىمنامىسى ۋە تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى بىلەن قىرغىزىستان ئېكىسپورت تەرەققىيات ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى.

ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن يىلماز بىلەن جاپاروۋ بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى. يىغىندا، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ ھازىر 1 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى ۋە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-قىرغىزىستان بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتى كېلىشىمنامىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك 62 ماددىلىق ھەرىكەت پىلانى يىغىنىنىڭ تۆھپىسى بىلەن بۇ سوممىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر