قىرغىزىستان تۈركىيەدىن تېببىي ياردەم تەلەپ قىلدى
قىرغىزىستان بىشكەكتىكى مەركىزى ئىسسىقلىق ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە ئېغىر يارىلانغانلارنى داۋالاش ئۈچۈن تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت سادىر جاپاروۋنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، سەھىيە مىنىستىرى ئالىمقادىر بەيشەنالىيېۋنىڭ تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ ياخشى كۆيۈك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى بولغان پىروفېسسور دوكتور قوراي داس بىلەن كۆيۈك يارىدارلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تۈرك مۇتەخەسسىس دوختۇرىنىڭ بىشكەككە بېرىپ، يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە يارىلانغانلارنى داۋالاش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.
پايتەخت بىشكەكتىكى ئۆيلەرنى ئىسسىق سۇ ۋە قىشلىق ئىسسىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مەركەزدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ،جەمئىي بەش ئادەم يارىلانغانىدى.
قىرغىزىستان مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى مەدەربەك ئىسمائىلوۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئېغىر يارىلانغانلارنىڭ قول ۋە يۈز قىسمىنىڭ %80 ئەتراپىدا كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.