ئالپارسلان بايراقتار ئەزەربەيجان ئىقتىساد مىنىستىرى مىكايىل جاباروۋ بىلەن كۆرۈشتى

ئالپارسلان بايراقتار تۈنۈگۈن ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا يېتىپ باردى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى مىكايىل جاباروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

2094283
ئالپارسلان بايراقتار ئەزەربەيجان ئىقتىساد مىنىستىرى مىكايىل جاباروۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار ئەزەربەيجان بىلەن ئىككى قېرىنداش دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېنېرگىيە ساھەسىدە قەتئىي ئىرادە بىلەن يول يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇچرىشىشىتا، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ساھەدىكى مەۋجۇت ۋە كەلگۈسى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلدى.

بايراقتار ئەزەربەيجان بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدە «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» ئېڭى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ دائىرىدە ئېنېرگىيە مىنىستىرى پەرۋىز شاھبازوۋ ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى جاباروف بىلەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالپارسلان بايراقتار نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدە ئەزەربەيجان بىلەن قىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇچرىشىش جەريانىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ياۋروپانىڭ تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە بىرلىكتە قوشقان تۆھپىسى، ناھچىۋاندىن تۈركىيەگە توك ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسى ۋە بۇ يىل تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆتىنچى نۆۋەتلىك تۈركىيە- ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مۇنبىرى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بايراقتار ئەزەربەيجان نېفىتىنىڭ باكۇ-تىبلىس-جەيھان لىنىيەسى ئارقىلىق دۇنيا بازىرىغا توشۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دۇنيانى نېفىت بىلەن تەمىنلەشتە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىنتايىن مۇھىم ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ دائىرىدە، ئىجابىي ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىمىزنى ئىككى قېرىنداش دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېنېرگىيە ساھەسىدە قەتئىيلىك بىلەن يول يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر