قازاقىستان ئارمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيە...

ئامېرىكا «يەرشارى ئوت كۈچى ھەربىي ئىستاتىستىكىسى» تورى، 2024-يىللىق دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەلىرى تىزىملىكىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

2087934
قازاقىستان ئارمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيە...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا «يەرشارى ئوت كۈچى ھەربىي ئىستاتىستىكىسى» تورى 2024-يىللىق دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسى  تىزىملىكىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستان ئارمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەگە ئايلانغان بولۇپ، ھەربىي خادىملىرى سانى 300 مىڭغا يەتكەن قازاقىستان ئارمىيىەسىنىڭ مۇداپىئە چىقىمى 7 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئۆزبېكىستان ئارمىيەسى تىزىملىكنىڭ 65-، قىرغىزىستان ئارمىيەسى 100-، تاجىكىستان ئارمىيەسى 107-قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ تىزىملىكنى تۇرغۇزۇشتا 145 دۆلەتنىڭ ئەسكەر سانى، مالىيە ئەھۋالى، تېخنىكا تەرەققىياتى، جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە يۆتكىلىش - ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى قاتارلىق 60 خىل ئامىلغا قاراپ چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر