ئەلىيېۋ: زەنگەزۇر كارىدورى ئېچىلمىسا، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىمۇ ئېچىلمايدۇ
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەگەر دۆلىتىنىڭ غەربىدىكى ۋىلايەتلىرىنى نەھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان زەنگەزۇر كارىدورى ئېچىلمىسا، ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيە بىلەن بولغان چېگرالارنى ئاچمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجان تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا بايانات بەردى؛ ئەزەربەيجاننىڭ غەربىدىكى ۋىلايەتلەرنى نەھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان زەنگەزۇر كارىدورى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئەڭ مۇۋاپىق تاللاش مەھرى رايونى (ئەرمېنىيەگە جايلاشقان)دىن ئۆتىدىغان يول؛ تۆمۈر يولمۇ، تاشيولمۇ ئۇ يەردىن ئۆتۈشى كېرەك. ئەزەربەيجاندىن ئەزەربەيجانغا كىشىلەر ۋە يۈك-تاقلار چوقۇم تەكشۈرۈلمەستىن ئۆتۈشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، ئەرمېنىيە مەڭگۈ قاتمال ھالەتتە قالىدۇ. ئەگەر مەن تىلغا ئالغان يول ئېچىلمىسا، بىزمۇ ئەرمېنىيە بىلەن بولغان چېگرامىزنى ئاچمايمىز» دېدى.
«ئەرمېنىيە تىنچلىق كېلىشىمىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بولۇشىنى خالايدۇ» دېگەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ: «بىز بۇنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ ئويلايمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.