جاپپاروۋ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىلەن كۆرۈشتى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن پايتەخت بىشكەككە يېتىپ كەلگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

2086637
جاپپاروۋ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئاخبارات مەركىزى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋ تەرىپىدىن ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، جاپپاروۋ خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەردىن باشقا، سەھىيە، ئېنېرگىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسى بىلەن رايون بىخەتەرلىكى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قىرغىزىستان زىيارىتى ۋە بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنىڭ كەڭ ساھەلەر بويىچە تەرەققىي قىلىىشىنىڭ ئىجابىي دىنامىكلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سادىر جاپپاروۋ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈستىدە توختىلىپ: «قىرغىزىستان-تۈركىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىنىڭ، ئىقتىسادىي كۈنتەرتىپنى قوللاش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۆزىگە كۆرسىتىلگەن مېھماندوستلۇق سەۋەبىدىن پىرېزىدېنت جاپپاروۋغا تەشەككۈر ئېيتىپ: «ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى سايىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقلار كېڭەيتىلىپ، مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى» دېگەن.

خاقان فىدان بېشكەكتە پارلامېنت باشلىقى نۇرلانبېك شاكىيېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، شاكىيېۋ-فىدان كۆرۈشۈشىدە، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن، پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر