قىرغىزىستان دۆلەت بايرىقىنى ئۆزگەرتتى

قىرغىزىستان پارلامېنتىدا دۆلەت بايرىقىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپ قىلىنغان قارار لايىھەسى قوبۇل قىلىنىپ قانۇنلاشتى.

2078775
قىرغىزىستان دۆلەت بايرىقىنى ئۆزگەرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى نۇرلانبېك شاكىيېۋنىڭ باشچىلىقىدا دۆلەت سىمۋوللىرى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپ-لايىھەسى، پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلدى.

پارلامېنتى باشلىقى نۇرلانبېك شاكىيېۋ ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئۇلان پرىموۋنىڭ قىرغىزىستان بايرىقىنى تېخىمۇ ياخشىلاش مەقسىتىدە تەييارلىغان قانۇن تەكلىپ-لايىھەسى، 90 كىشىلىك پارلامېنتتا ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان 64 ئەزانىڭ 59 ىنىڭ قوللىشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى. بەش پارلامېنت ئەزاسى رەت قىلىپ ئاۋاز تاشلىدى.

قانۇن تەكلىپ-لايىھەسىدە، بايراقتىكى دولقۇنسىمان قۇياش نۇرىنى تۈز قىلىش ۋە ئوتتۇرىدىكى نەققاشنىڭ ئىچىدە كۆرۈنىدىغان ئۈچ دانە سىزىقچىنى تۆتكە چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ 2-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، دۆلەت بايرىقىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

قانۇن تەكلىپ-لايىھەسى پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋ تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن، رەسمىي كېزىتتە ئېلان قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر