ئەلىيېۋ پارتىيەسى تەرىپىدىن قايتىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىدۇ
يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى تاھىر بۇداگوۋ 2024-يىلى 7-فېۋرال مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پىرېزىدېنت سايلىمىدا، ئەزەربەيجاننىڭ نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
2075664
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇداگوۋ يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيەسىنىڭ پات يېقىندا يىغىن چاقىرىپ، پارتىيەسى رەئىسى ئەلىيېۋنى پىرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ 2024-يىلى 7-فېۋرالدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمى توغرىسىدىكى پەرماننى ئىمزالىغانىدى.
ھەر 7 يىلدا بىر قېتىم پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەزەربەيجاندا، ئاخىرقى سايلام 2018-يىلى 11-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.