ئەزەربەيجان بىلەن سېربىيە ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا

سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.

2061831
ئەزەربەيجان بىلەن سېربىيە ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشتى.

سېربىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى ئالېكساندار ۋۇجىج بىلەن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھالدا ئۆزئارا ئىشىنىشكە ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت ۋۇجىج ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەيدانىغا رەھمەت ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ، سېربىيەنىڭ مۇستەقىل تاشقى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى نەتىجىلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «ئۇچرىشىش جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. بېلگراد-باكۇ ھاۋا يوللىرى قاتنىشىنىڭ ئېچىلىشى بۇ ھەمكارلىققا پايدىلىق» دېيىلدى.

ۋۇجىج بىلەن بايراموۋنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ۋۇجىجنىڭ بۇلغارىيە بىلەن تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە جەنۇبىي تەبىئىي گاز كارىدورىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغانلىقىنى ۋە ئەزەربەيجاندىن گاز سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا پايدىلىق بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەر يارىتىپ بېرىدىغان سېربىيە-ئەزەربەيجان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ سېربىيە پايتەختى بېلگرادتىكى زىيارىتى دائىرىسىدە، سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋىجا داجىج بىلەنمۇ كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بايراموۋ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھەر دائىم قوللىغان سېربىيەگە تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.

ئۇ سېربىيەدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان ئەزەربەيجان شىركەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقلار ئۈچۈن ئىلھاملاندۇرغانلىقنى ئەسكەرتتى.

سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داجىج سېربىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئەزەربەيجان بىلەن ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي گاز ساھەلىرىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئوچۇق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىككى مىنىستىر ئاخىرىدا، دىپلوماتىك خادىملارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆزئارا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر