تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئۇچۇر – تەجرىبە ئالماشتۇرىدۇ

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورگانلىرى ئۇچۇر – تەجرىبە ئالماشتۇرىدۇ.

2052057
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئۇچۇر – تەجرىبە ئالماشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ساھەسىدە ھەمكارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى قىرغىزىستاندا چاقىرىلدى.

قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن، قىرغىزىستان مەدەنىيەت، ئۇچۇر، تەنتەربىيە ۋە ياشلار سىياسىتى مۇئاۋىن مىنىستىرى چىڭگىز ئېسەنگۈل ئۇلۇلۇ رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا، ئەزەربەيجان، تۈركىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان دائىرىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

يىغىنغا، تۈركىيەدىن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ئاممىۋى دىپلوماتىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئوغۇز گۈنەر، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر – ئالاقە ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ھازال دۇران، «‹TRT Avaz›  تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى گۆكچەن ئوغان ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى دائىرىلىرى قاتناشتى.

يىغىندا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساھەسىسدە ئۇچۇر - تەجرىبە  ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بىر يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈش، ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورگانلىرى مۇنبىرى يىغىنى، مىنىستىرلىق ۋەكىللىرىنى تەربىيەلەش پىروگراممىسى، بىرلەشمە تېلېۋىزىيە خەۋەر قانىلى تەسىس قىلىش، تۈرك خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى بىرلىكى قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ساھەسىدە ھەمكارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى دائىرىسىدە، «سۈنئىي ئەقىل روبوتى ChatGPT قاتارلىق سۈنئىي ئەقىلنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى» ۋە «21 – ئەسىردىكى بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىۋاتقان  ئارىلاشما ئۇرۇشلار» تېمىسىدا ئىككى يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر