جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار ئەزەربەيجانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، ئەزەربەيجان قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان ئەزەربەيجان زىيارىتى دائىرىسىدە «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات كۈنلىرى» پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ، ئادا ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلەيدۇ ۋە ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ مەنسۇپلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستئەل بىلەن سودا – سانائەتچىلەر، ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ، ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان 200 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ جۇمھۇر رەئىس تاتارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.