تۈرك دۇنياسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بىرلەشمىسى قۇرۇلدى

تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، «تۈرك دۇنياسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بىرلەشمىسى» قۇرۇپ چىقتى.

2047218
تۈرك دۇنياسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بىرلەشمىسى قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىمرا قويۇش مۇراسىمىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرى يىلماز تۇنچ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى بىنالى يىلدىرىم، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرى ئازامات نەسىپبايېۋىچ، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرى ئەكبەر تاشقۇلۇۋ، ئەزەربەيجان ئەدلىيە مىنىستىرى فىكرەت مەممەدوۋ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى  ئوروزبېك سدىكوۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مىنىستىر تۇنچ تۈرك دۇنياسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بىرلەشمىسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ئىنتايىن مۇھىم قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «تۈرك دۇنياسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىرلەشمىگە ئەزا بولغان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە بېجىرىلگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئۆز دۆلىتىدە بېجىرىلگەندەكلا قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. دېمەك، تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە بېجىرىلگەن <ۋاكالەتنامە> باشقا ئەزا دۆلەتلەردىمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. چەت ئەلدىكى كونسۇلخانا ياكى ئەلچىخانلاردىن ۋاكالەتنامىنىڭ ئارگىنالىنى ئەۋەتىشكە كېرەك قالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر تۇنچ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىرلەشمىمىزنىڭ قىلىدىغان خىزمەتلىرى دۇنيا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈلگە بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە خالىغان تۈرك بۇ ھەمكارلىققا قاتنىشىپ، بىزنى كۈچەيتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر