قاراباغدىكى بىر جامە ئەرمەنلەر تەرىپىدىن ئېغىل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن

قاراباغدىكى ئەزەربەيجانلىقلارغا تەۋە بىر جامەنىڭ ئەرمەنلەر تەرىپىدىن ئېغىل قىلىپ قوللىنىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

2045508
قاراباغدىكى بىر جامە ئەرمەنلەر تەرىپىدىن ئېغىل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدىن كېيىن ئەزەربەيجاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئۆتكەن مالىبەيلى يېزىسىدىكى جامەنىڭ، ئەرمەنلەر تەرىپىدىن ئېغىل قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئەرمەنلەر بۇ جامەگە 1992-يىلى ئوت قويۇۋەتكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە جامەنىڭ مۇنارى ۋەيران بولغان، قالغان قىسمى بولسا ئىشغالىيەت جەريانىدا ئەرمەنلەر تەرىپىدىن ئېغىلغا ئۆزگەرتىلگەن .

ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ رايوندىكى نۇرغۇن جامەلەرنىڭ ئەرمەنلەر تەرىپىدىن ئېغىل قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر