ئەردوغان توقايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2045169
ئەردوغان توقايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر نويابىر ئېيىدا قازاقىستاندا چاقىرىلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى بولىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر