ئەزەربەيجان قاراباغدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ قوماندانى مايۇر گېنېرال مانۇكياننى قولغا چۈشۈردى

ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدىكى ئاتالمىش ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ قوماندانلىرىدىن مايور گېنېرال داۋىت مانۇكيان قولغا چۈشتى.

2044332
ئەزەربەيجان قاراباغدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ قوماندانى مايۇر گېنېرال مانۇكياننى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيە پۇقراسى ۋە ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئەزاسى مانۇكياننىڭ قاراباغدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ خىتابنامىسىنىڭ «ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىن چېكىنىشى» توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە قارىماي، رايوندا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان مانۇكياننىڭ ئاتالمىش ​​«قاراباغ مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن قوماندانى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، مانۇكياننىڭ يەنە ئەزەربەيجاننىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئامما ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىش، پارتلاش ۋە ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىشتەك تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەشكە قاتناشقانلىقى ئېنىقلانغان.

«تەشكىللىك جىنايى شايكا تەرىپىدىن قايتا- قايتا سادىر قىلىنغان تېررورىزم»، «قورال- ياراغ، ئۇلارنىڭ زاپچاسلىرى، ئوق-دورا، پارتلاتقۇچ دورا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، ساقلاش ۋە يۆتكەش»، «قانۇندا بەلگىلەنمىگەن قوراللىق گۇرۇپپىلار ۋە قىسىملارنى تەشكىللەش» ۋە «ئەزەربەيجان چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان مانۇكيان قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر