قۇرتۇلمۇش بەختىيار سەئىدوۋنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەختىيار سەئىدوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلدى.

2042830
قۇرتۇلمۇش بەختىيار سەئىدوۋنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكسىتان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەختىيار سەئىدوۋ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە كۈتۈۋالغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن قۇرتۇلمۇش، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز بۇ يەردە ئورنىتىدىغان ھەمكارلىق ۋە كۈچ، ئەمەلىيەتتە بىزنى ھەم ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەم ياۋروپا دۆلەتلىرى نۇقتىسىدىن مۇھىم پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز بىرلىكتە ئىقتىسادىي، سودا، سىياسىي، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە ئورتاق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، ئورتاق نىشانغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك. قولىمىزدا مۇشۇنداق كۆپ پۇرسەت ۋە بىرىكمىلىرىمىزنى يېقىنلاشتۇرىدىغان مەدەنىيەت زېمىنى بولغانىكەن، بۇنىڭدىن پايدىلىنىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى قۇرتۇلمۇش سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېقىنقى مەزگىلدە مۇكەممەل دېيىشكە بولىدىغان سەۋىيەگە يەتتى. بىز ئۆزبېكىستاننىڭ كۈچىيىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىنى تۈركىيەنىڭ كۈچىيىشى دەپ قارايمىز. ئۆزبېكىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مۇشۇنداق قارايدىغانلىقىنى بىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەختىيار سەئىدوۋ تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى قۇرتۇلمۇش بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەسلەيدىغانلقىنى ۋە بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر