قاراباغدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى داۋامىدا  192 كىشى شېھىت بولدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قاراباغدا ئېلىپ بارغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى داۋامىدا 192 كىشى شېھىت بولدى.

2042968
قاراباغدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى داۋامىدا  192 كىشى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش داۋامىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ 180 خادىمى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 12 خادىمى شېھىت بولغان، 511 ئەسكەر يارىلانغان. ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر پۇقرا يارىلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، شېھىت بولغان 11 ئەسكەرنىڭ سالاھىيىتى قانۇن دوختۇرىنىڭ گېن تەكشۈرۈشىدىن كېيىن بېكىتىلىدىكەن.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 19-سېنتەبىر كۈنى قاراباغدا ئاساسىي قانۇن تەرتىپى ئورنىتىش ئۈچۈن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى قوزغىغانىدى.

قاراباغدىكى قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى تەخمىنەن 24 سائەت داۋاملاشقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدىن كېيىن قورال تاپشۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر