قاراباغدىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانى 68 گە يەتتى

ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدىكى خانكەندى - ئاسكەران تاش يولى بويىدىكى بېنزىن ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 68 گە يەتتى.

2042793
قاراباغدىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانى 68 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئەرمەن پرېس قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 68 كە يەتكەن، قانۇن دوختۇرخانىسى 21 جەسەتنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان 105 كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تېخى ئايدىڭلاشمىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغان 290 يارىدارنىڭ 168 ى ئەرمېنىيەدىكى دوختۇرخانىلارغا ۋە كۆيۈكلەرنى داۋالاش مەركەزلىرىگە يۆتكەلگەن.

25 - سېنتەبىر ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدىكى خانكەندى – ئاسكەران تاش يولى بويىدىكى بىر بېنزىن ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئېغىر ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ۋەقەدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 290 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئەزەربەيجان جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرلىقى بېنزىن ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن ئوتنىڭ ئەزەربەيجان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر