قاراباغدا ئەزەبەيجاننىڭ ئىككى ئەسكىرى شېھىت بولدى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاراباغدىكى قانۇنسىز ئەرمېنىيە قىسىملىرى كۆمگەن مىنا پارتلاپ، ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، بىر ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2041918
قاراباغدا ئەزەبەيجاننىڭ ئىككى ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 17 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بىر يۈك ماشىنىسى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا مىنا پارتلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئەرمەن قوراللىقلىرىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بازىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئارقا سەپ يولىغا تېررور مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان تانكىغا قارشى مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، ماشىنىدىكى ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى، بىرىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە يارىلانغان ئەسكەرنىڭ بەك ئېغىر ئەمەسلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر