خانكەندىنىڭ ئېلېكتىر لىنىيەسى ئەزەربەيجان ئېلېكتىر سىستېمىسىغا ئۇلاندى

ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىنىڭ ئەرمەن ئاھالە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان خانكەندى شەھىرىنىڭ ئېلېكتىر لىنىيەسى ئەزەربەيجاننىڭ ئومۇمىي ئېلېكتىر لىنىيەسىگە ئۇلاندى.

2041789
خانكەندىنىڭ ئېلېكتىر لىنىيەسى ئەزەربەيجان ئېلېكتىر سىستېمىسىغا ئۇلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خانكەندى شەھىرىنىڭ ئېلېكتىر لىنىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە ئېنېرگىيە سىستېمىسىدىن ئاجرىتىلىپ، ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە سىستېمىسىغا ئۇلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شۇشادىكى ئېلېكتېر ئېنېرگىيە مەركىزىنىڭ خانكەندى شەھىرىنى توك بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، «ئەمدى خانكەندىدە ئەزەربەيجان نۇرى چاقنىماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 19- سېنتەبىر اراباغدا ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلگەن تەرتىپ – ئىنتىزامنى يولغا قويۇش مەقسىتىدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى باشلىغانىدى.

قاراباغدىكى قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرى تەخمىنەن 24 سائەت داۋاملاشقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدىن كېيىن قورال تاپشۇرغانىدى.

ئەزەربەيجان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن قاراباغدىكى ئەرمەن ئاھالىنىڭ ۋەكىللىرى 21 – سېنتەبىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر