ئەزەربەيجاننىڭ خانكەندى شەھىرىدە قەستەن ئوت قويۇۋېتىش ۋەقەلىرى چىقىرىلماقتا

ئەزەربەيجاننىڭ خانكەندى شەھىرىدە ئەرمەنلەر قەستەن ئوت قويۇۋېتىش ۋەقەلىرىنى چىقارماقتا.

2041160
ئەزەربەيجاننىڭ خانكەندى شەھىرىدە قەستەن ئوت قويۇۋېتىش ۋەقەلىرى چىقىرىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاراباغ رايونىنىڭ خانكەندى شەھىرىدە ئەرمەنلەرنىڭ قەستەن ئوت قويۇۋېتىش ۋەقەلىرىنى چىقىرىپ، ئارخىپلارنى كۆيدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاراباغدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدىن كېيىن بارلىق رايونلارنىڭ تولۇق كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «خانكەندى شەھىرىدە ئەرمەنلەرنىڭ قەستەن ئوت قويۇۋېتىش ۋەقەلىرىنى چىقىرىپ، ھەر خىل مەمۇرىي بىنالاردىكى ھۆججەتلەر، ماتېرىياللار ۋە ئارخىپلارنى كۆيدۈرۈۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.»

رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قانۇنسىز ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورالىرىنى رۇسىيە ھەربىي خادىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدا تاپشۇرۇشقا باشلىغانلىقى ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىن چېكىنگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۈگۈنگە قەدەر 800 دىن ئارتۇق قورال - ياراغ، قول بومبىسى، مىنامىيوت ، تانكىغا ۋە ئايروپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار تاپشۇرۇۋېلىندى.»

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 19-سېنتەبىر كۈنى قاراباغدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈچۈن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى باشلىغانىدى.

قاراباغدىكى قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى تەخمىنەن 24 سائەت داۋاملاشقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدىن كېيىن قورال تاپشۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر